Skip to content
cetni-home-logo-320

شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى

  • English
  • ئۇيغۇرچە
  • Primary Menu
    • باش بەت
    • CETNI ھەققىدە
      • مەسلىھەتچىلىرىمىز
      • مۇتەخەسىسلىرىمىز
      • ئالاقىلىشىڭ
    • خەۋەرلەر
      • پائالىيەتلەر
    • ماقالىلەر
    • ئاۋازلىق سۆھبەتلەر
    • سىنلىق سۆھبەتلەر
    • دوكلات
    • ھەقىقەت ۋە ئويدۇرما
    • ئىئانە
    • Home
    • ماقالىلەر
    • ئى.نۇردۇن : ئەڭ ئاخىرقى ئانا تىل دەرىسى
    • ماقالىلەر

    ئى.نۇردۇن : ئەڭ ئاخىرقى ئانا تىل دەرىسى

    CETNI 2 سائەت ago (Last updated: 2 سائەت ago) 7 minutes read 0 comments
    Uyghurtili


    ( فىرانسىيلىك يازغۇچى ئالفونس دائۇدىتدنىڭ ” ئاخىرقى دەرس” تىن ئىلھام ئېلىپ يېزىلدى.)

    ( بۇ ئەسەردىكى ھەممە پېرسوناژلار ئىسمى توقۇلما، بىراق،بۇ ھېكايىدىكى ھەممە ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى ئاساسىدا يېزىلدى!)

    بۇ ئايگۈلنىڭ ” كۈندىلىك خاتىرىسى ” دىن ئېلىندى ، ھەرگىز ئوقۇماڭ!

    ئورۇن: قەشقەر شەھىرى، شەرقىي تۈركىستان

    ھاۋا ئوچۇق، قۇياش سېخىيلىق بىلەن نۇرىنى ئەتراپقا چاچماقتا، كۆك ئاسماندا ئاندا–ساندا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرەتتى.

    بۇ كۈن 2017-يىلى ئىيۇننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى.

    بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر كۈن،بىراق ئايگۈل ئۈچۈن ئېيتقاندا باشقىچە مەناسى بار ئىدى.

    ئايگۈل، 37 ياش، “قەشقەر شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ“نىڭ بىر ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. “ئۈرۈمچى پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتى” نى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئايگۈلنىڭ بۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى.

    ئايگۈل خىزمىتىنى ناھايىتى سۆيىدۇ. ئۇ تولۇقسىز 3-يىللىق 1-سىنىپقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ سىنىپتا 30 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. ئۇلارنى ئوقۇغۇچى دېگەندىن كۆرە ئايگۈلنىڭ ئۆز باللىرى دېسەك توغرا بولىدۇ. ئايگۈلنىڭ ئۇلارغا دەرس بەرگىنىگە ئۈچ يىل بولدى ، “ۋاقىت ئاتقان ئوق” دەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈردىغىنىغىمۇ ئاز قالدى، ئايگۈلنىڭ ئۇلار بىلەن خوشلىشىشقا كۆزى قىيمايۋاتاتتى.

    ئايگۈل ئائىلىدە يەنە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى،ئاينۇر بىلەن ئىليار دەپ پەرزەنتلىرى بار بولۇپ، يولدىشى ئۈمۈد بولسا باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشى، ھازىر مەھەللىگە يېقىن بىر بازاردا ” قول–ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دۇكىنى” ئاچىدۇ.

    ئايگۈلنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرى بار، بىراق بۈگۈنكىسى ” كۈندىلىك خاتىرىسى” دىكى بىر كۈنلۈك ھېكايىسى ئىدى!

    چۈش سائەت 12:00   ئايگۈلنىڭ ئۆيى

    ئىشىك ئېچىلدى، ئايگۈل كىردى ۋە كىروسلوغا بېرىپ ئولتۇردى، ئايگۈلنىڭ ھېچنىمە قىلغۇسى كەلمەيتتى، پەقەت بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا–قايتا ئويلىغۇسى كېلەتتى، ئەتىگەنكى ئىشلار ئايگۈلنىڭ كۆز ئالدىدىن خۇددى كېنو لېنتىسىدەك بىر–بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.`

    ئەتىگەن سائەت 7:00   مەكتەپ

    ئايگۈل مەكتەپكە كەلدى، “ئەسسالامۇ–ئەلەيكۇم” دەپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىشىكتىن كىردى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن سالاملاشتى. ئايگۈل دەرسكە چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، يىللىق مۇدىرى ئىشخانىغا كىرىپ،ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك يىغىنغا چوقۇم چىقىشى كېرەكلىكىنى، ھېچقانداق رۇخسەت سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ” دائىم چۈشتىن كېيىن ئاچىدىغان يىغىننى نېمىشقا بۈگۈن ئەتىگەندە ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟” دەپ ئويلىدى ئايگۈل.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00   يىغىن زالى

    ھەممە ئورۇنلار ئاساسىي جەھەتتىن توشقانىدى.

    ئوقۇتقۇچىلار جەم بولغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئوسمانجان يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە بۇ يىغىننىڭ بۇ مەۋسۇمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى :” ئۇنداقتا ،ھازىر بىز ۋاڭ مەكتەپ مۇدىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى!” ئوقۇتقۇچىلار چاۋاك چالدى.

    ۋاڭ بۇ مەكتەپكە ئۆتكەن يىلى رايونلۇق ” كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ” سىياسىتىگە ئاساسەن ئۆسۈپ كەلگەنىدى. ئەسلىدە بۇ مەكتەپتە پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارلا ئوقۇيتتى، ھازىر ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىر مەكتەپتە ئەمما ئايرىم سىنىپلاردا دەرس ئوقۇيدۇ. ۋاڭ كېلىشتىن بۇرۇن، ئوسمانجان مەكتەپ مۇدىرى ئىدى.

    ۋاڭ سۆزىنى باشلىدى:” بىرىنچىدىن،مەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ مەۋسۇم تىرىشىپ قىلغان خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن!” چاۋاك ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: ” ئەمدى مەن ھازىر يېقىندا تاپشۇرۋالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى سىلەرگە يەتكۈزمەكچى” ئۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ئوڭدىن سولغا قاراپ چىقتى :” ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،كېلەر مەۋسۇمدىن باشلاپ ھەممە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىدۇ،ئۇيغۇر تىلى دەرسخانىدا ئەمدى ئىشلىتىلمەيدۇ! …”

    يىغىن زالىدا ۋاراڭ–چۇرۇڭ ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

    ئايگۈل “ئۇيغۇر تىلى دەرسخانىدا ئەمدى ئىشلىتىلمەيدۇ!” دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا خۇددى بىرسى بىر چېلەك سوغۇق سۇنى بېشىدىن قۇيىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتى.

    ئايگۈلنىڭ يۈرىكى تېز سوقۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىرماش–چىرماش ھېسياتىنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش قىيىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى،” نېمىشقا مېنىڭ تىلىمنى چەكلەيدۇ؟” ،ئۇنىڭ يىغلىغۇسى ۋە ۋاڭغا قاراپ ۋارقىراپ تۇرۇپ:” نېمىشقا؟” دېگۈسى كېلەتتى،بىراق ئۇ بۇنى قىلالمايتتى،ئەگەر بۇنداق بولسا، ئۇ “دۆلەت سىياسىتىگە قارشىلىق قىلغان بۆلگۈنچى” دەپ قارىلىپ جازالىناتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، “مەن بۇنىڭغا نېمە قىلىشىم كېرەك؟” ئۇ دېلىغۇل بولدى، ” مەن ئەمدى كەلگۈسىدە نېمە خىزمەت قىلىمەن؟” بۇ خىل ھېسيات ۋە سوئاللار ئايگۈلنى ۋاڭنىڭ كېيىنىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىشىغا ئەسلا يول قويمىدى.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00   ئايگۈلنىڭ ئىشخانىسى

    ئىشىك ئېچىلدى.ئايگۈل يالقۇننىڭ ئىشخانىدا ئىكەنلىكىنى كۆردى. يالقۇن ئايگۈلنىڭ خىزمەتدىشى بولۇپ،ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىيات دەرىسى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئەدەبىيات دەرسى دېيىلىدۇ) بېرىدۇ. ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

    ” يالقۇن،بىز ئەمدى…” ئايگۈل سۆزىنى قىلىپ بولمايلا،يالقۇن سۆز باشلىدى:” مېنىڭ بۇ ھەقسىزلىككە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى” ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئاچچىقلانغانلىقى بىلىندى.

    ” مەن سىزنى چۈشىنىمەن يالقۇن،مەنمۇ ھازىر ئويلىنىپ قالدىم، بۇ خەۋەرنى بالىلارغا دېگۈم يوق“.ئايگۈل دېدى.

    ئۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا مەرھابا كىرىپ كەلدى،ئۇ بىر ياش ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا دەرس بەرگىنىگە بىر يىل بولغانىدى.

    ” قېنى قوش تىل؟ بۇ قىپقىزىل بىر يالغانچىلىق!” يالقۇن دېدى يۇقىرى ئاۋازدا.

    ” ئاستا سۆزلەڭ يالقۇن ئاكا! ” مەرھابا تۆت ئەتراپقا ئالدىراپ–سالدىراپ قارىۋېتىپ :” ھازىر تامنىڭمۇ قۇلىقى بار“.

    ” ھەقىقىي قوش تىل دېگەن ” دېدى ئايگۈل تامنى شەرەت قىلىپ :” بىزمۇ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ رەسىمىنى ئاۋۇ كۇڭزى بىلەن ماۋزىدۇڭنىڭ قېشىغا ئاسالايدىغان ھوقۇقنى كۆرسىتىدۇ“.

    ئەسلى ئالدىنقى يىلى تامدا ئۇيغۇر مەشھۇر شەخىسلىرىنىڭ رەسىمى بار ئىدى،ئەمما ھازىر پۈتۈنلەي كۇڭزىنىڭ رەسىمى ئالماشتۇرۇلدى. بۇندىن باشقا،ماۋزىدۇڭ بىلەن كوممۇنىست بايرىقىنى ھەر بىر سىنىپ ۋە ئىشخانىلارغا ئېسىش شەرت ئىدى،ھەتتا قەشقەردىكى پۈتۈن مەسچىتلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.

    ” سىزمۇ بىلىسز،ئىلھام پىروفىسورغا نېمە بولغىنىنى، ئۇمۇ “قوش تىل” نى سۆزلىگەن،ھازىر شۇ قىلغان سۆزلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىدۇ” مەرھابا خورسىنىپ سۆزلىدى.

    ” بۇ بىر رېئاللىق مەرھابا،” دېدى ئايگۈل” بىزنىڭمۇ سۆزلىگىمىز بار، ئەمما بىز ئاقىۋىتىنى ئوبدان بىلىمىز.”

    ” سىزنىڭ نېمە پىلانىڭىز بار ئۇكام ؟ ” يالقۇن سورىدى.

    ” بىز تەبئىي پەننىڭ مۇئەللىملىرىنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىككى يىل خىتايچە ئۆگىنىسىلەر دېدى، ۋاڭ ئۇيغۇر مۇئەللىملەر سىنىپقا كىرىش ئۈچۈن دۆلەت تىل سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك دەيدۇ” دېدى مەرھابا.

    ” مەنچە بىز ئۇيغۇر مۇئەللىملەر ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىدە لاياقەتسىز بولۇپ قاپتۇق” دېدى مەرھابا تەنە ئارىلاش.

    ” بىز ئەزەلدىن خىتايچە ئۆگەنمەيمىز دېمىدۇق، ئەمما بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەش ھوقۇقىمىز بولۇشى كېرەكقۇ!” دېدى يالقۇن.

    ” مەرھابا ،سىز تېخى ياش،ئىككى يىل تىرىشسىڭىز خىتايچىدا ماتىماتىكا دەرس بېرەلەيسىز، ئەمما بىزچۇ؟ يالقۇن ئىككىمىز 15 يىل ئەدەبىيات دەرىسى بەردۇق،ئەمدى بۈگۈن ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتمەيسىلەر دەيدۇ،بىز نەگە بارىمىز؟” دېدى ئايگۈل.

    ” بۇ ھەقىقەتەن بىر قىيىن ئىش بولدى،ئايگۈل ئاچا” دېدى مەرھابا.

    ” ۋاڭ بىز ئەدەبىيات مۇئەللىملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاڭلار دەيدۇ، سىلەرمۇ بىلىسىلەر،ھازىر خىزمەت تېپىش بەك تەس،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا. ئىككى بالام ئۆيدە مېنىڭ ئۇلارنى بېقىشىمنى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ” يالقۇن بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.

    ئايگۈلنىڭ كۆزى ياشقا تولدى، ئۇ دېرىزە تەرەپكە قارىدى،سىرتتا ئوقۇغۇچىلار توپ تېپىۋاتاتتى.

    چۈش سائەت 12:15   ئايگۈلنىڭ ئۆيى

    ئىشىك ئېچىلدى.” ئەسسالامۇ–ئەلەيكۇم،“ئاينۇر كىرىپ كەلدى. ئاينۇر 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تولۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

    ئۇ ئاپىسىنىڭ كىروسلودا ئولتۇرغانلىقىنى،چوڭقۇر خىيالغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە يېنىغا باردى.

    ” ئاپا،مەن قايتىپ كەلدىم!”، ئاينۇر ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتتى” ئاپا،نېمە ئويلاۋاتىسىز؟ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟“

    ئاينۇر بىر ئىش بولغىنىنى ئاللىقاچان ھېس قىلغانىدى، بولمىسا ئايگۈلنىڭ چىرايى،كۆزلىرى ئادەتتە بۇنداق كۆرۈنمەيتتى.

    “جېنىم بالام،قايتىپ كەلدىڭىزما؟ مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋالاي دەپ ” ئۇ قىزىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. گەرچە بۇ ئانىنىڭ زىممىسىدە تاغدەك بېسىم بولسىمۇ، ئۇ ئۆز باللىرىنى كۆرەللىگىنىدىن،بىللە بولالىغانلىقدىن ئالەمچە سۆيۈنەتتى،بۇ ئۇنى خۇش قىلاتتى ۋە ھاياتتىكى دىشۋارچىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇراتتى.

    ” بالام قورسىقىڭىزئاچقاندۇ؟ مەن ھازىرلا تاماققا تۇتۇش قىلاي!”

    چۈش سائەت 12:30   ئاشخانا

    ئايگۈل كۆكتات توغراۋاتقاندا،يولدىشى ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.

    “مەن قايتىپ كەلدىم،“دېدى ئۈمۈد،” چۈشكە نېمە ئېتىۋاتىسىز؟” دېدى ئۈمۈد.

    ” سىز ياخشى كۆرىدىغان،لەغمەن” دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

    ” قاراڭ،قادىر ئۇستامنىڭ نېنىنى ئالدىم” دېدى ئۈمۈد.

    ” ھەجەپ ياخشى، بىز بۇ ناننى يېمىگىلى بىر ئايدەك بولغان ،قاچان ئېچىپتۇ؟” دېدى ئايگۈل.

    ” يۇرتقا بېرىپ كەپتۇ، تۆنۈگۈن قايتىپ كەلدىم دەيدۇ” ئۈمۈد دېدى.

    قادىر ئۇستام خوتەندىن كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە تۇرغىلى 3 يىلدەك بولغان ،ئۇنىڭ ياققان نانلىرى بۇ مەھەللىدە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى.

    ” ھەي ئايگۈل،مېنىڭ قادىر ئۇستامغا ئىچىم ئاغرىيدۇ،” دېدى ئۈمۈد ئېغىر تىنىپ.

    ” نېمە بوپتۇ؟ ” ئايگۈل بىر كۆڭۈلسىز ئىشنىڭ بولغانلىقىنى تۇيدى.

    ” ئۇنىڭ ئايالى مەريەم،ئۇ 5 يىل كېسىلىپ كېتىپتۇ!” دېدى ئۈمۈد.

    ” نېمە؟” ئايگۈلنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈكرەك چىقتى. ئۇنىڭ يۈرىكى تېز سوقۇپ كەتتى. ئاۋازى تىترىگىنىچە سورىدى: “نېمىشقا،ئۇ نېمە جىنايەت قىپتۇ؟“

    ” سىزمۇ بىلىسىز، بۇرۇن مەريەم ئورانغان، كېيىن بىز ئۇنىڭ ئېلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن،ھازىر بۇ يەردە كىم ئۇنى چىگەلەيدۇ؟ بۇ قېتىم خوتەنگە قايتقاندا،ساقچىلار قولغا ئېلىپ، سىزدە رادىكال ئىدىيە باركەن، چۈنكى سىز بۇرۇن ئورانغان دەپتۇ” ئۈمۈد جاۋاپ بېرىپ.

    ” بىچارە مەريەم، ئۇنىڭ باللىرىچۇ؟ ” ئايگۈل سورىدى.

    ” مەريەم قولغا ئېلىنىپ ماڭغاندا، كەينىگە قاراپ، بالىلارغا ۋە ئۆزىڭىزگە ياخشى قاراڭ، دېگەنگىلا ئۈلگۈرۈپتۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە قىلغىلى قويماپتۇ، قادىر ئۇستام ھازىر ھۆكۈمگە قارشى سوئال قويالمىدىم،بولمىسا مېنىمۇ ئەكىرىپ كەتسە باللىرىم يېتىم قالمامدۇ دەيدۇ” دېدى ئۈمۈد.

    ” ھازىر كىم ” ياق” دېيەلەيدۇ؟ مېنىڭ تۇققۇنۇم قېنى دېگەن ھەممە ئادەمنى تۈرمىگە تاشلاۋاتسا” دېدى ئايگۈل مۇشتۇمىنى چىڭ سىققىنىچە.

    ” بىچارە بالىلار،ئانىسى يوق بولسا…” ئايگۈل سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى…

    چۈشتىن كېيىن سائەت 1:10   مېھمانخانا ئۆي

    چۈشلۈك تاماق يېيىلىپ بولغانىدى،ئايگۈل قاچىلارنى يىغىشتۇرۋاتقاندا،ئىشىك چېكىلدى. ئايگۈل بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

    ” ئەسسالاممۇ–ئەلەيكۇم،ئايگۈل ئۇكام“.

    “ۋەلەيكۇم–ئەسسالام،نىساخان ئاچا. قانداق ئەھۋالىڭىز؟ قېنى،ئۆيگە كىرىڭ!” ئايگۈل دېدى كۈلۈمسىرىگىنىچە.

    نىساخان بولسا ئايگۈلنىڭ قوشنىسى،60ياش. ئون يىل بۇرۇن ئايگۈل بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگەندە،نىساخاننىڭ بۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى.

    نىساخان مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى.

    ” مەن ياخشى،خۇداغا شۈكرى،ئۆزىڭىز تىنچلىقمۇ ئۇكام؟ھەممە ئىشلار ئوبدانمۇ؟” دېدى نىساخان.

    ” ھەئە،يامان ئەمەس” دېدى ئايگۈل.ئەمەلىيەتتە، قانداقتۇر بىر نەرسە ئايگۈلگە توختىماستىن مەكتەپتىكى ئىشلارنى ئەسلىتەتتى.

    ” مەن چۈشتە لەغمەن ئەتكەن،ئازراق سالايمۇ نىساخان ئاچا ؟” دەپ سورىدى ئايگۈل.

    ” رەھمەت ئۇكام،مەن يەپ بولغان” دېدى نىساخان.

    نىساخاننىڭ قولىدا بىر قەغەز بار ئىدى، ئۇنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى.

    ” مەندە بىر خۇش خەۋەر بار“دېدى نىساخان،ئۇنىڭ ئاۋازىدىنلا خۇشاللىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

    ” نېمە خەۋەر،تېزرەك دەڭە نىساخان ئاچا” دېدى ئايگۈل ئالدىرىتىپ.

    ” بۈگۈن ئەتىگەن ئابدۇكېرىمدىن تېلفون كەلدى” نىساخاننىڭ كۆزىگە ياش تولدى،” ئاكىڭىز كەتكەندىن بېرى ھېچقانداق خەۋەر يوقتى،مانا ،ھازىر مەن ساق–سالامەت،ئەنسىرمەڭلار دەيدۇ“.

    “بۇ راستمۇ؟ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ،ئاللاغا شۈكرى” دېدى ئايگۈل نىساخاننىڭ قولىنى تۇتقىنىچە.

    ” مەن تېلفوننى ئالغان ۋاقىتتا، قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم،بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئەڭ ئېسىل سوۋغات.كىشى بىر نەرسىنى يوقاتقاندا،ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەن،ھازىر ئۇنىڭ ئاۋازى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ” دېدى نىساخان يانچۇقىدىن بىر قولياقلىقنى چىقىرىپ كۆز يېشىنى سۈرتكەچ.

    ” راست دەيسىز نىساخان ئاچا، بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى چوقۇم تېگىشلىك ئىش دەپ ئويلايمىز” دېدى ئايگۈل.

    ئابدۇكېرىم بولسا نىساخاننىڭ يولدىشى بولۇپ،63ياش، بۇ يىل ئاپېرىلدا بۇ مەھەللىدىن يۈزگە يېقىن ئادەم ” تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش” نامىدىكى ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغان.ئابدۇكېرىم بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ،7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئوخشاش جىنايىتى بار بولۇپ،ساقال قويغان ياكى ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانىدى.

    ” ئابدۇكېرىم بىر تەلەيلىك ئادەم، ئۇ ئادەم 7يىل كېسىلدى،ئەمما نۇرغۇنلىرى 20يىل كېسىلىپ كەتتى ئۇكام” دېدى نىساخان ئۇھسىنىپ.

    ” نېمە دەيدىغانسىز؟ قانداقسىغا ئابدۇكېرىمكام تەلەيلىك بولسۇن،تۈرمىدە ياتقىنى تەلەيمىكەن؟” دېدى ئايگۈل سەل ھەيران بولغاندەك.

    ” جېنىم ئۇكام، سىز بىلمەيسىز،بىزدە ھازىر ھوقۇق يوق، بىز بۇ رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايۋاتىمىز، شۇ بىردىنبىر قىلىدىغىنىمىز ئاللاغا شۈكرى دەپ،بۈگۈنىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزگىنىمىز ئەۋزەل” دېدى نىساخان.

    ” ئابدۇكېرىم ئاكام،يەنە نېمە دەيدۇ؟” سورىدى ئايگۈل.

    ” ھازىر تۈرمىدە تېلفۇن بېرىدىغان ئادەملەر بەك جىق،شۇڭا 5 مىنۇت ۋاقىت بەردى دېدى،يەنە،زۇلپىيەنىڭ لايىقى بولسا،ماڭا قارىماي تويىنى قىلىۋېرىڭلار دەيدۇ،ئۇ ئادەم بىزنى سېغىندىم دەيدۇ،سۆز ئاخىرىغا كەلگەندە ئاۋازى يىغلىغاندەك چىقتى” نىساخاننىڭ كۆزلىرى قىزارغانىدى.

    ” مەن ھازىر ئاكىڭىزنىڭ سالامەتلىكىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، سىزمۇ بىلىسىز،ئابدۇكېرىمنىڭ يۇقىرى قان بېسمى بار،ياش قېرىغاندا ئادەم شۇ تۈرمىنىڭ …”

    نىساخان سۆز قىلىۋاتقاندا، ئايگۈلنىڭ ئوغلى،ئىلياركىرىپ كەلدى.

    ئىليار 6 ياشتا ئىدى، قولىدا بىر پۇتبولنى تۇتىۋالغانىدى.

    ” ئەسسالاممۇ–ئەلەيكۇم،نىساخان چوڭ ئاپا”

    ” ۋەلەيكۇم–ئەسسالام،بالام” دېدى نىساخان كۈلۈپ تۇرۇپ” توپنى بەك ياخشى كۆرىسىز ھە بالام،قاراڭ، كىيمىڭىز يامغۇردا قالغاندەك بوپ كېتىپتۇ“.

    ئىليار ئاپىسىغا قارىدى ۋە مۇنداق دېدى:” ئاپا،مەن دوستلىرىم بىلەن توپ ئويناۋاتقاندا،ساقچىلار كېلىپ بىزدىن…” ئايگۈل دەرھاللا سورىدى:”ئۇلار نېمە دەيدۇ؟”

    ” ئۇلار ئۆيدە ئاپاڭ،داداڭ ناماز ئوقامدۇ دەپ سورىدى،مەن ياق دېدىم” دېدى ئىليار.

    ” جېنىم بالام،ھەي، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ كىچىك بالىلارنىمۇ خاتىرجەم ئوينىغىلى قويمىغان” دېدى نىساخان.

    ئايگۈل بىر لۆڭگە ئېلىپ چىقتى ۋە ئىليارنىڭ يۈزىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.

    چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30   مېھمانخانا ئۆي

    بىر ھازادىن كېيىن،نىساخان ئۈستەلدىكى قەغەزنى قولغا ئالدى ۋە ئايگۈلگە ئۆزىگە بۇنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشىنى سورىدى. بۇ خىتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ،تۆنۈگۈن مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ھەر بىر ئۆيگە تارقاتقانىدى.

    “مەن قاراپ باقاي” دېدى ئايگۈل ۋاراقنى قولغا ئالغاچ.

    ” بۇ بىخەتەرلىك باھالاش جەدۋىلىكەن، بۇنىڭدا دەپتۇ،ئون سوئال بار،بىز “ھەئە” ياكى “ياق“دەپلا جاۋاپ بېرىدىكەنمىز، “ھەئە” دېسە 10نومۇر تاتىلىدۇ،“ياق“دېگەنگە 10نومۇر قوشۇلىدۇ،دېمەك،قانچە يۇقىرى نومۇر ئالسا،شۇنچە بىخەتەر ئائىلە دېگەن گەپ.” دېدى ئايگۈل.

    ” ھەئە،چۈشەندىم،بىرىنچىسى نېمىكەن؟“نىساخان سورىدى.

    ” سىزنىڭ مىللىتىڭىز ئۇيغۇرمۇ؟” ئايگۈل تەرجىمە قىلىپ.

    ئايگۈل بىلەن نىساخان بىر ھازا قارىشىپ قالدى.

    ” ھەئە“دېدى نىساخان كۈلۈپ تۇرۇپ” ئەمدى “ئۇيغۇر“دىگەن مىللىتىنىمۇ سوراپتىما؟ نېمىشقا سىز خىتايمۇ ياكى قازاقمۇ دەپ يازمايدۇ؟“

    ” ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت ،نىساخان ئاچا” دېدى ئايگۈل، ئۇنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى” كېلەر مەۋسۇمدىن باشلاپ،ئۇيغۇر تىلى ھەممە مەكتەپتە چەكلەندى،يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرغىچە، مەن ئاڭلىسام بەزى ئۇيغۇر مۇئەللىملەر ئاللىقاچان ئىشتىن بوشىتىلىپتۇ،مەنمۇ نەگە بېرىشىمنى بىلمەي ئولتۇرىمەن.”

    ” نېمە دەيدىغانسىز؟” دېدى نىساخان ھەيرانلىق ھەم ئېچىنىش ئاھاڭدا” خىتايلار بۇ زىمىنغا كەلگەندە بىز ئۇلارغا مېھماندەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان،ئەمدى بۇلار بىزنىڭ خوجايىنىمىزغا ئايلاندى.”

    ” راست دەيسىز،خۇددى بىزدىكى“تالا مۈشۈكى ئۆي مۇشۈكىنى قوغلاپتۇ” دېگەندەك “دېدى ئايگۈل” نۇرغۇن يىللار بۇرۇن،چوڭ دادام دەيتتى،ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ يۇرتتا خىتايلار بەك ئازكەنتۇق.”

    ” بۇ راست ئايگۈل ئۇكام، مەن بالا ۋاقىتلىرىمدا،خىتايلار خۇددى چەتئەللىكتەك ئاز كۆرىنەتتى، ئەمدى بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۆز زىمىنىمىزدا چەتئەللىك بوپ قالدۇق!” بىر ھازا سۈكۈت باسىدۇ.

    ” قېنى،ئىككىنچى سوئالغا كېلەيلى،سىزنىڭ دىنىي ئېتقادىڭىز بارمۇ؟“ئايگۈل داۋاملاشتۇردى.

    “ياق“دېدى ئالدىراپ نىساخان” يوق دەپ يېزىڭ ئۇكام،مېنىڭ تېرورچى دەپ ئاتىلىپ قالغۇم يوق!”

    ئەمەلىيەتتە،ئايگۈل ئۆزىنىڭ بۇ يازغىنىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلەتتى،كىشىلەر ئېتقادىنى قەلبىدە ساقلايتتى،ئۇلارنىڭ قەلبى ھەممىنى بىلىپ تۇراتتى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئىېقادىنى ئوچۇق ئاشكارە سۆزلەيدىغان ئەركىنلىكى يوق ئىدى،ھەتتا “دىن“دېگەن بۇ سۆزمۇ ناھايىتى سەزگۈر تېمىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

    ” ئۈچىنچىسى،ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ پاسپورتى بارمۇ؟”

    ” نېمە پاسپورت؟ ھۆكۈمەت ئالدىنقى ئايدا ھەممە ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتىنى يىغىپ بولدى،ئەمدى نېمىنى ئالىدىكەن؟ يا بىزنى كۆپەيتىۋالغان نۇسخىسى بار دەپ ئەنسىرەۋاتامدۇ بۇلار؟ ” دېدى نىساخان چاقچاق قىلغاندەك.

    ” ھازىر چەتئەلگە چىققانلارغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىق كەلدى،” دېدى ئايگۈل” ھە راست،سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تۆنۈگۈن كەچتە مەن پاتىمەگە تاماق ئېتىپ بەرگەن، پاتىمە ئاغرىپ قاپتۇ، بولۇپمۇ كەچلىرى ئۇخلىيالمايدىكەن، ئوغلۇم ھەر دائىم ئېسىمغا كېلىۋالىدۇ،دەيدۇ“.

    پاتىمە ئۇلارنىڭ قوشنىسى ئىدى، ئۇ بىر يالغۇز ئانا بولۇپ،دۇنيالىقتىكى بىرلا ئوغلى ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغانىدى.

    ” مېنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ،ئايگۈل ئۇكام“دېدى نىساخان،ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى” پاتىمەنىڭ تىكەندەك مۇشۇ بىرلا ئوغلى بار، ئاللاھ ئۇنڭغا ئاسانلىق بەرسۇن! پاتىمە بىر قەيسەر ئايال،ياش ۋاقتىدا يولدىشىدىن ئايرىلىپ،ئۆزى يالغۇز بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان،بۇ ئاسان ئەمەس ئۇكام،بولۇپمۇ بىر ئايال كىشى ئۈچۈن.”

    ئايگۈل ئېغىر تىندى.” مەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيمەن،ئەگەر مۇشۇنداقلا بولسا،پاتىمە ساراڭ بولۇپ قالىدۇ!”دېدى ئايگۈل.

    ” ئۇ دائىم مېنىڭ ئوغلۇم مېنىڭ ئارمىنىم دەيتتى،شۇڭا ئوغلىغا “ئارمان” دەپ ئىسىم قويغان، ئەمما تەقدىر–قىسمەت ئۇنىڭ ئارمىنىنى ئېلىپ كەتتى“دېدى نىساخان.

    ئارمان بولسا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ئالدىنقى يىلى تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان. ئۈچ ئاي بۇرۇن سوراقخانىغا ئېلىپ كېتىلىپ، تۈركىيەگە بارغان ئەھۋالىدىن جاۋاپ بەرگەن، بىر ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ،بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قازا قىلغان.

    ” مەن ئاڭلىسام،ساقچىلار ئۇنىڭدىن تۈركىيەگە بارغاندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشتىڭمۇ دەپ بەك بېسىم قىپتىكەن“دېدى ئايگۈل.

    ” قاراڭ ما ناھەقچىلىقنى،ئارمان بىزنىڭ ئالدىمىزدا چوڭ بولغان بالا،مەن ئىشىنىمەن،ئۇ بىر ياخشى بالا! ” نىساخاننىڭ كۆزلىرى بىردەم يۇمۇلدى.

    ” ئارمانلا ئەمەس،ھازىر نۇرغۇن ياش بىگۇناھ ئۇيغۇر بالىلارنى لاگىرلارغا ئاپىرۋاتىدۇ” ئايگۈل دېدى.

    ” مەنمۇ ئاڭلىدىم،نېمە دەيدىكەن تولۇق ئىسمىنى ؟ ئېسىمدە قالماپتۇ” دېدى نىساخان.

    ” قايتا تەربىيلەش لاگېرى” دېدى ئايگۈل.

    ” ھەئە، قايتا تەربىيلەش لاگېرى،“نىساخان ئېيتتى” مەنچە ئۇ يەرمۇ بىر تۈرمىگە ئوخشايدىكەن، كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ ،يا سىرتقا چىققىلى يا ئالاقە قىلغىلى قويمايدىكەن،پەقەت شۇ كوممۇنىزىم ياكى ماركىزىزىم دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىكەن.”

    ” ئەگەر ھەممە نەرسە پەقەت ئۆگىنىشلا بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، ئەمما ئۇ بىر ئىسىملا خالاس. سىز ئۇ يەرنىڭ يەنە بىر قورقۇنۇچلۇق تەرىپىنى بىلمەيسىزغۇ دەيمەن؟“دېدى ئايگۈل.

    ” نېمە تەرىپى؟ ئۇلار لاگېردا يەنە نېمە ئىش قىلىدۇ؟“نىساخان قىزىقىپ سورىدى.

    ” لاگىرغا بارغانلار چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرەيدىكەن،ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەر بولسا ئاپارمايدىكەن، يەنە ئۇلارنىڭ قېنىنى ۋە DNA سىنى يىغىۋېتىپتۇ” ئايگۈل ئېيتتى.ئايگۈلنىڭ قوللىرى چىڭ كىرىشىپ كەتكەنىدى.

    ” نېمىشقا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرىدۇ؟ ئۆگىنىش قىلغانغىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش كېتەمدۇ؟“دېدى نىساخان.

    ” ئۇلارنىڭ بۆرىكى،جىگىرى ئۈچۈن” دېدى ئايگۈل.

    ” ۋاي خۇدايىم،توۋا دەڭە ئۇكام” دېدى نىساخان بېشىنى تۇتقىنىچە” نېمە دەۋاتقانسىز،ئۇكام“

    ئايگۈل بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئاغرىغانىدى،ئۇ پەقەت بۇ رېئاللىقنىڭ بىر چۈش بولۇشىنىلا ئويلايتتى.

    ” بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا كومپارتىيە ياپون باسقۇنچىلىرى ئۇرۇش ۋاقتىدا خىتايلارغا تەجرىبە قىلغان دېگەنتى،ئەمدى بۇلار بىزگە قىلىۋېتىپتىدە!” دېدى نىساخان ئېچىنغان ئاۋازدا.

    ” تەجرىبە ئەمەس،ئۇيغۇرلارنىڭكىنى مەنپەئەت ئۈچۈن،پۇل ئۈچۈن قىلىدىكەن،ھازىر خىتايغا كېلىپ ئورگان ئوپراتسىيسى قىلدىغان چەتئەللىكلەرمۇ بەك جىقكەن،تېخى قەشقەر ئايرۇدرۇمىغىمۇ مەخسۇس لىنىيە ئېچىپ ئىچكىرنىڭ ھەر قانداق يېرىگە قىسقا ۋاقىتتا ئاپىرالايدىغان بوپتۇ“دېدى ئايگۈل.

    ” ما ئالۋاستىلارنى كۆرۈڭ” دېدى نىساخان ئاچچىق بىلەن” ۋەتىنىمىزنى ئېلىڭ،بايلىقمىزنى ئېلىڭ، ئەمدى بۇ كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇرنىڭ جېنى بىلەن ئاچكۆز نەپسىنى قاندۇرۋاتقىنىنى! ئاللاھ بىز ئۇيغۇرلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن جېنىم ئۇكام، بىزنىڭ باللىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!”

    ” ئاللاھتىن باشقا،ئۇيغۇرلار كىمدىن ياردەم سورىيالايدۇ؟ ” ئايگۈلنىڭ كۆزى ياشقا تولدى” بىزنىڭ يا قازاقىستاندەك بىر دۆلىتىمىز بولمىسا. ھۆكۈمەت پۈتۈن رايونلاردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ پاسپورتىنى يىغقاندا،قازاقلار ئەرز يېزىپ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە دەرد ئېيتىپتىكەن،كېيىن ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرمىدىمۇ،بىراق كىم ھازىر ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ؟ دۆلىتى يوق مىللەت مەڭگۈ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ! “

    ” راست دەيسىز ئايگۈل ئۇكام” دېدى نىساخان، بىز دەسسەپ تۇرۋاتقان بۇ زېمىن ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى،بىز قەلبىمىزدە بۇ زېمىننى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايمىز،ئەمما ھازىر مۇشۇ سۆزنى دېيىش بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا يېتەرلىك”

    ” شۇڭلاشقا ھازىر ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسى يوقاۋاتىدۇ، تىلىدىن تارتىپ مەدەنىيتىگىچە،ھەتتا ھاياتىمۇ“دېدى ئايگۈل” بىز نامايىش قىلساق،خىتاي ئارمىيسى بىزنى ھايۋاننى ئۆلتۈرگەندەك قىردى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئاقتى،بىز نېمانداق ئاجىز ھە،نىساخان ئاچا.”

    ” ئايگۈل ئۇكام،بىر ھەقىقەت ئېنىقكى” دېدى نىساخان” بىر مەزگىللىك زۇلمەتتىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ، بىر كۈنلەر كېلىدۇ،ئۇيغۇرنىڭ ئېتقادىي ۋە ئاقكۆڭۈللۈكى بۇ زالىملىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى يېڭىدۇ، دۇنيا ھامان بىر كۈنى ھەق تەرەپتە تۇرىدۇ،بىز بۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەك!”…

    چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00   ئاپتوبوستا

    ئايگۈل ئادەتتە ئاپتوبۇس بىلەن 15 مىنۇتتا ئىشقا بارىدۇ.

    ئايگۈل ئاپتوبۇسقا چىقتى. دېرىزە تەرەپتە ئولتۇردى.

    ئاپتوبوس قوزغالدى،ئايگۈل دېرىزە سىرتىدىكى دۇنياغا نەزەر تاشلىدى.

    كىچىك شەكىلدىكى ” ساقچى پونكىتى” ئاساسەن ھەر بىر كوچا دوقمۇشىغا ئورۇنلاشقان، كۆزىتىش تېلكامىرالىرى پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە بار ئىدى،قوراللىق قىسىم شەھەردىكى نۇقتىلىق جايلارنى چارلاپ يۈرەتتى.

    تۇيۇقسىز ئايگۈلنىڭ خىيالىغا بىر قانچە يىللار بۇرۇن ئوقۇغان كىتاب “1984” ئېسىگە كەلدى.ئايگۈل ئىچ –ئىچىدىن ئاپتور جورج ئورۋېلغا قايىللىقىنى بىلدۈرەتتى.” نېمىدىگەن قالتىس،يىراق كۆرەر يازغۇچى ھە!” دەپ ئويلايتى. ” بۇ ئادەم قانداق قىلىپ 21-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدا پۇقرالارنى ماشىنلاشقان تولۇق كونتىرۇل قىلىشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى بىلەلىگەندۇ؟ ھازىر بىر پىچاق ئالساقمۇ كومپىيۇتىرغا كىملىك تىزىملايدىغان تۇرسا!”

    پۈتۈن شەھەر قىزىل بايراق ۋە لوزۇنكىلارغا توشۇپ كەتكەندى.” مەڭگۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسىگە ئەگىشىمىز!”،” باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى مەركەز ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشايلى! “،” كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا،يېڭى جۇڭگو بولمايتتى!” دېگەندەك سۆزلەر كۆزگە چېلىقاتتى.

    قىزىل چىراق ياندى، ئاپتوبۇس توختىدى.

    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا،بىر ئارمىيە ماشىنىسى ئاپتوبوسنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. ئايگۈل ماشىنىدا قولىدا ئېغىر تىپلىق قورال تۇتقان لىق ھەربىيلەرنىڭ بارلىقىنى،ئۇلارنىڭ ئوخشاش يېشىل رەڭلىك فورما كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى.ئايگۈل ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىدى،ئۇلارنىڭ چىرايىدىن جىددىيلىك ۋە سۈرلۈك ئەكس ئېتەتتى،بۇ ئايگۈلنى سەل قورقۇتتى.ماشىنىغا يەنە ” شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ!” ،” تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرەيلى!”دېگەن شوئارلار بار لوزۇنكا ئېسىقلىق ئىدى.

    ” تېررورىزىم؟” دەپ پىچىرلىدى ئايگۈل” كىم تېررورچى؟ قەيەردە ئۇ تېررورچى؟ تېررورچىنىڭ ئېنىقلىمىسى نېمە؟“

    ماشىنا قوزغالدى ۋە بىر ئازدىن كېيىن بېكەتكە كېلىپ توختىدى.

    ئۈچ قوراللانغان خىتاي ساقچى ماشىنىغا چىقتى.” تېلفۇنىڭلارنى چىقىرىڭلار،تەكشۈرۈشكە ماسلاشقىنىڭلارغا رەھمەت!”دېدى بىرى.

    قەشقەردە ياشىغان كىشىلەر ئۈچۈن،سودا–سارايدىن تارتىپ دوختۇرخانىغىچە،ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن ئاممىۋى ھاجەتخانىغىچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خۇددى بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئورنىدا ئىدى،ھەتتا تېلفونمۇ تەكشۈرۈلەتتى.

    ئايگۈل تېلفونىنى ساقچىغا بەردى،بىز ھازا تەكشۈرگەندىن كېيىن ئايگۈلگە قايتۇرۇپ بەردى.

    ” بۇ نېمە رەسىم؟” دېدى بىر ساقچى ناھايىتى قوپال ئاۋازدا.ئايگۈل كەينى تەرەپكە قارىدى، بىر ساقچى بىر ياش ئۇيغۇر بالىنىڭ تېلفونىنى تەكشۈرۋاتاتتى.

    “كەچۈرۈڭ ساقچى ئەپەندىم“دېدى ھېلىقى بالا.ئايگۈل بۇ بالىنىڭ چىرايىغا قارىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن شۇ رەسىمنى يۇيىۋەتمىگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، ئۇ سەل قورقتى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرگە توختىماي قارايتتى،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىشىگە ئىنتىزار ئىدى،ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلەتتى.

    ساقچى قولىدىكى بىر ئالاقىلىشىش ئەسۋابىغا قاراپ سۆزلىدى:” بۇ يەردە بىر تېررورلۇق گۇماندارى بايقالدى،ئۇنىڭ تېلفونىدىن تۈركىيەنىڭ بايرىقى چىقتى“دېدى.

    “ئېلىپ كېلىڭلار!”بۇيرۇق كەلدى.

    بۇ بالىنى ئۈچ ساقچى ئېلىپ چۈشىۋاتقاندا،ئۇنىڭ كۆزى ئايگۈل بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى،ئۇنىڭ كۆزىدىن ئايگۈلگە خۇددى:” ئاچا! ماڭا قولىڭىزنى بېرىڭ!” دېگەندەك خىتاب كەلگەندەك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئايگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ :” ياق! ئۇ تېررورچى ئەمەس” دەپ ۋارقىرغۇسى كەلدى،ئەمما تاغدەك بىر بېسىم ئايگۈلنى ئۆز ئورنىغا مىخلىۋەتكەنىدى.

    “يەنە،يەنە بىر ئۇيغۇر دۇنيادىن ئازلىدى ” دەپ ئويلىدى ئايگۈل.

    ئۇنىڭ ئانىلىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ قەلبىنى قاتتىق تولغۇتاتتى.

    ” يەنە،يەنە بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆز ئوغلىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان بولدى.”

    ئايگۈل ئۇ بالىنى تۇنۇمايتتى،ئەمما ئۇنىڭغا بىر ھەقىقەت ئايان ئىدى،يەنى ئۇلارغا ئوخشاش بولغان تەقدىر–قىسمەت ئورتاق ئىدى.

    ئاپتوبۇس يەنە قوزغالدى.

    ” نېمىشقا؟نېمىشقا؟نېمىشقا؟ بىزنىڭ ئىنسان ھوقۇقىمىز قېنى؟ بىزدىكى ئىنسانىي قەدىر–قىممەت قېنى؟” بۇ سوئاللار ئايگۈلنىڭ قەلبىدە توختىماي پارتىلايتتى.

    ” بىز ھازىر 80يىل بۇرۇنقى يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئاستا–ئاستا،قەدەممۇ–قەدەم يوقاۋاتىمىز!”

    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئاپتوبۇس قەشقەردىكى ئەڭ مۇھىم جاي ھېسابلىنىدىغان “ھېيىتگاھ جامەسى“ئالدىدىن ئۆتتى.بۇ جامەنىڭ ۋاقتىنى 996-يىلىغىچە سۈرۈشكە بولاتتى. يۈزگە يېقىن خىتاي ئەسكەرلىرى “ھېيىتگاھ جامەسى“ئالدىدىكى مەيداننى كېسىپ ئۆتۈۋاتاتتى.

    ئايگۈلنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى، ئۇ ئۆزىنى قەتئىي كونتىرۇل قىلالمىدى.

    ” بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بۇ گۈزەل شەھەرنى بەرپا قىلىپ بىزگە تاپشۇرغان،بۇ ئەزىزانە يۇرت يەنە “ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى“دەپ ئاتالغان،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،ئاتا–ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنى قوغدىيالمايۋاتىدۇ، ھەتتا ئەڭ مۇقەددەس جايلىرىمىزنىمۇ بىز قوغداشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمىز،ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ،بىزگە ياردەم بەر،بىزگە ياردەم بەر!”

    ئايگۈلنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك قۇيۇلاتتى.

    ئايگۈلنىڭ يىغىسىنى كۆرگەن يېنىدىكى بىر ئايال،سومكىسىدىن بىر قولياغلىقنى چىقىرىپ ئايگۈلگە سۇندى…

    چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00   تولۇقسىز 3-يىللىق 1-سىنىپ

    ئايگۈل سىنىپ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.

    ئۇ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتتى.

    ئايگۈل قانچە قېتىملاپ بۇ ئىشىكنى ئاچقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،ئەمما بۇ قېتىملىقنىڭ ئۇنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتملىق ئانا تىل دەرىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئەگەر سىنىپقا قەدەم ئالسا،ئۆزى سۆيگەن ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە بولالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى.

    سىنىپ ئىچىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاراڭلاشقان،كۈلۈشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

    ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى، ئىشىكنى ئاچتى.

    ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئايگۈلگە قارىدى.

    “ئەسسالامۇ–ئەلەيكۇم،باللىرىم!” دېدى ئايگۈل كۈلۈمسىرەپ.

    “ۋەلەيكۇم–ئەسسالام،مۇئەللىم!”دېدى ئوقۇغۇچىلار رەتلىك ئاۋازدا.

    ئايگۈل ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قاراپ چىقتى،ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قارايتتى.

    ” بىرىنچىدىن،مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن!”ئايگۈل ئۆزىنى كونتىرۇل قىلىشقا تىرىشاتتى ” سىلەر ھەقىقەتەن قالتىسكەنسىلەر،مانا،مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،تولۇق ئوتتۇرغا چىقىش ئالدىدا تۇرىسىلەر،سىلەر بۇ ئۈچ يىلنى غەلبىلىك تاماملىدىڭلار!” بالىلار قىقاس–چۇقان قىلىشتى.ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم چىقىپ تۇراتتى.

    ” بۈگۈن سىلەرنىڭ تولۇقسىزدىكى ئاخىرقى قېتىملىق دەرس،دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار،شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى” ئايگۈل توختاپ قالدى.

    ” قېنى دەرسنى باشلايلى!”دېدى ئايگۈل.

    بۈگۈن ھەممە ئوقۇغۇچىلار دەرسكە كەلگەنىدى،ھەتتا دائىم سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرۋالىدىغان كەپسىز بالىلارمۇ بۈگۈن تولۇق كەلگەنىدى.ئۇلار ئويۇن ئويناش ئۈچۈن ئارىلاپ–ئارىلاپ دەرس تاشلاپ قوياتتى.

    بۈگۈن ئايگۈل ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلۈش قائىدىلىرىنى سۆزلىدى،قانداق قىلىپ بىر جۈملە تۈزۈلىدۇ،تەڭداش جۈملە ۋە بېقىندى جۈملىلەرنىڭ پەرقى نېمە،مۇرككەپ جۈملە ۋە ئاددىي جۈملە قانداق ياسىلىدۇ دېگەنلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن،ئايگۈل ئاددىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرەتتى، ئۇنىڭ دەرىسىنى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتى.  

    چۈشتىن كېيىن سائەت 4:40   تولۇقسىز 3-يىللىق 1-سىنىپ

    “ۋاقىت ئاتقان ئوق“، بىردەمدىلا 20مىنۇت قالدى، ئايگۈل كىتابىنى ياپتى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى دېگۈسى بار ئىدى :” باللىرىم،بۈگۈن مېنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇشۇمنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ، ھاياتىمدا سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن مەن ئۆزۈمنى بەك بەخىتلىك ھېس قىلىمەن،ئەگەر بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك قىلالمىغان بولسام،سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن باللىرىم!” دېدى ئايگۈل.

    ئۇ ئالدىغا بىر قانچە قەدەم ماڭدى.

    ” ھايات بەك قىسقا،مەيلى قەيەرگە بولۇڭ،قانداق ئەھۋالغا يولۇقۇڭ،سىلەرنىڭ ئۆز ئېتقادىڭلار ۋە ئاقكۆڭۈلۈكىڭلارغا چىڭ يېپىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!”

    بىر ئوغۇل بالا ئورنىدىن تۇردى.

    “مۇئەللىم،بىزنىڭ سىزگە تەييارلىغان بىر سوۋغىتىمىز بار ” دېدى ۋە ئايگۈلنىڭ قولىغا بەردى.

    بۇ بىر ئالبۇم ئىدى.

    ئايگۈل ئالبۇمنى ئاچتى.بىرىنچى بەتتە مۇنداق قۇرلار بار ئىدى:” ئايگۈل مۇئەللىم،سىزنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىڭىزگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز!بىز سىزنى سۆيىمىز! تولۇقسىز 3-يىللىق 1-سىنىپ كوللىكتىۋى“

    ئايگۈل داۋاملىق كۆردى.

    مانا،ماۋۇ بولسا ھەممە ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنجى كۈنى كۆرىشكەندە چۈشكەن خاتىرە رەسىم،ماۋۇ بولسا،“پۇتبول مۇسابىقىسى“ئۆتكۈزگەندىكى رەسىم،مانا بۇ،“ئۇيغۇر خەتتاتلىق مۇسابىقىسى“دە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقاتقاندىكى كۆرۈنۈش.

    ئايگۈلنىڭ كۆزىگە لىغغىدە ياش كەلدى.” نېمىدىگەن گۈزەل ۋاقىتلار ھە! ھەممىڭلارغا رەھمەت! بۇ مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات بولدى“دېدى.

    ” ئەمدى مەن سىلەرگە…”ئايگۈل سۆزىنى قىلىۋاتقاندا،بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قول كۆتۈرگىنىنى كۆردى.

    ” ھەئە رازىيە،سىزنىڭ سوئالىڭىز بارمۇ؟“دېدى ئايگۈل.

    ” شۇنداق مۇئەللىم،مېنىڭ سوئالىم بار،سىزدىن سورىغۇم بار،مېنىڭ دادام ئەسكى ئادەممۇ؟” دەپ سورىدى.

    ھەممە ئوقۇغۇچىلار ھەيران بولۇپ رازىيەگە قاراپ قالدى،بەزىلەر كۈلۈپ كەتتى.

    ئايگۈل رازىيەنىڭ ئالدىغا كەلدى.

    ” بۇ نېمە دېگىنىڭىز رازىيە،سىزنىڭ دادىڭىز نېمىشقا ئەسكى ئادەم بولغۇدەك؟“دېدى ئايگۈل ئەجەبلىنىپ.

    “ئۇنداقتا دادام ئەسكى ئادەم بولمىسا،نېمىشقا ساقچىلار دادامنى تۈرمىگە تاشلايدۇ؟” دېدى رازىيە ئايگۈلنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ.

    ئايگۈل تولىمۇ ھەيران قالدى، بۇ ئايال ھازىر 15يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ تەس سوئالغا دۇچ كەلگەنىدى،چۈنكى بۇ سوئالمۇ ئايگۈلنىڭ ئۆزىدىن ھەر سائەت،ھەر مىنۇت سورايدىغان سوئالى ئىدى،قىسقىسى،بۇ بىر ۋىجدان ئالدىدىكى سوئال ئىدى.

    ” مېنىڭ بىلگۈم بار،قانچىڭلارنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى ھازىر تۈرمىگە كىرىپ كەتتى؟” دېدى ئايگۈل پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ.

    ئايگۈل تېخىمۇ ھەيران قالدى،چۈنكى ھەممە ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈرگەنىدى.

    ئايگۈل ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.” ھە،ئەسلىدە شۇنچە قايناق بازارلار،ئاۋات كوچىلارنىڭ ھازىر چۆلدەرەپ كېتىشى بىكار ئەمەسكەندە!”دەپ ئويلىدى.

    ئايگۈل رازىيەنى چىڭ باغرىغا باستى،خۇددى ئۇنى ھازىرلا بىرى ئېلىپ كېتىدىغاندەك.

    ” ياق قىزىم ،ياق!” ئايگۈل ۋاقىرۋەتتى.

    ئايگۈلنىڭ ئاغزىدىن ئاخىرى “ياق!”دېگەن سۆز چىقتى.

    ” سىزنىڭ دادىڭىز ياخشى ئادەم،سىز بۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىشىڭىز كېرەك قىزىم!”دېدى قەتئىيلىك بىلەن.

    ” ئۇنداق بولسا مەن قانداق قىلسام دادامنى قۇتقۇزالايمەن؟ ” رازىيەنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى.

    بۇ ۋاقىتتا،ئايگۈلنىڭ كۆزى غەزەپ بىلەن تامدىكى قىزىل بايراققا تىكلدى.

    ” ئۇيغۇرنىڭ قولىدا ھازىر ھېچنىمە يوق، ئەمما مۈرىسىدە بىرى ئوڭ قولىدا ئورغاق،سول قولىدا بولقا تۇتۇپ تۇرۇپتۇ،بىز شۇنى ئۆرۈپ تاشلاپ،ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقارغاندا، دادىڭىز ئاندىن ئازادلىققا چىقالايدۇ،رازىيە!” دېدى ئايگۈل كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن.

    ئايگۈل مۇنبەرگە قايتىپ كەلدى.

    “ئېسىڭلاردا بولسۇن باللىرىم! بىر مىللەت مۇنقەرز بولغاندا،ئەگەر ئانا تىلىنى مەھكەم ساقلىسا،بۇ خۇددى تۈرمىنىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشكەنگە ئوخشايدۇ!” دېدى ئايگۈل.

    ئايگۈل يىغلىۋەتتى.ئۇنىڭ يۈزى ئاقىرىپ قالغانىدى،ئۇ مۇنداق دېدى:” بۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، مۇئەللىمىڭلارنىڭ ئانا تىلدا شېئىر ئوقۇشىنى ئاڭلاش پۇرسىتىڭلار، دىققەت قىلىپ ئاڭلىشىڭلارنى سورايمەن!”

                                                                         ئويغان  

                                                                    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

                                                          ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

                                                          سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

                                                          بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

                                                          ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.  

                                                          قوپ ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

                                                          رەقىبىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ !

                                                          كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

                                                          ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج .

                                                          ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

                                                          شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ ؟

                                                          قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

                                                          ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ ؟!

                                                         كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

                                                          ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

                                                          كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى،

                                                          كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق .

                                                          ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

                                                          سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.

                                                          كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سېنى،

                                                          ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ ؟

                                                           كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

                                                           تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

                                                           خەپ! دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،

                                                           شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

    چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00   تولۇقسىز 3-يىللىق 1-سىنىپ

    قوڭغۇراق چېلىندى.بۇ خۇددى سوتچىنىڭ قولىدىكى ياغاچ بولقىنى ئۇرۇپ، مونۇلارنى جاكارلىغانلىقىغا ئوخشايتتى: ئايگۈلنىڭ 15 يىللىق ئانا تىل دەرس ئوقۇتۇشى ئەمدى مەڭگۈ ئاياغلاشتى،بۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.

    ئايگۈل دوسكىغا ئۆرۈلدى ۋە بىر پارچە بورىنى قولىغا ئېلىپ، بار كۈچى بىلەن يوغان قىلىپ مونۇلارنى يازدى:” ئۇيغۇرتىلى مەڭگۈ ياشىسۇن!”.

    بۈگۈن         نەق سىز ئوقۇۋاتقان مۇشۇ تاپتا

    ئىشىك ئېچىلدى.

    ئايگۈل نەچچە قەدەم ئالغاندىن كېيىن ئىشىك يېپىلدى.

    بۇ بىر كىچىك كامېر ئىدى.

    ئايگۈل سوغۇق يەردىلا ئولتۇردى،ئۇ ھېلىلا قان تەكشۈرتۈپ بولغانىدى.

    بۇ كامىرنىڭ بىر كىچىك دېرىزىسى بولۇپ،ئايگۈل بۇنىڭدىن ئاسمانغا قارىدى.

    قاراڭ،كۆك سامادا بىر قۇش ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتىدۇ!

    ئايگۈل ئۆز–ئۆزىگە پىچىرلىدى:” ھەي! مەن ئاشۇ قۇش بولۇپ قالغان بولسام ھە

    ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.

    About the Author

    CETNI

    Administrator

    Visit Website View All Posts

    Like this:

    Like Loading...

    Post navigation

    Previous: رۇقىيە تۇردۇش: ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ دىيىشكە سەۋەبىمىز بارمۇ؟
    Next: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ تور بېتى رەتلىنىۋاتىدۇ

    Related Stories

    A Uighur vendor pushes his cart of water
    1 minute read
    • ماقالىلەر

    رۇقىيە تۇردۇش: ئۇيغۇرلار يوقالمايدۇ دىيىشكە سەۋەبىمىز بارمۇ؟

    CETNI 2 سائەت ago 0
    Jasaret
    1 minute read
    • ماقالىلەر

    رۇقىيە تۇردۇش: جاسارەت ۋە ئۇيغۇرلار

    CETNI 2 سائەت ago 0
    Ruqiye Turdush
    1 minute read
    • ماقالىلەر

    بىز كىم، خىتتاي كىم؟

    CETNI 4 سائەت ago 0
    • ئامېرىكا يېڭى ئۇلۇسال مۇداپىئە ئستراتىگىيسنى ئېلان قىلدى
    • ئافغانىستان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كابۇلدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى
    • شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى: مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى باسقۇچ
    • شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ تور بېتى رەتلىنىۋاتىدۇ
    • ئى.نۇردۇن : ئەڭ ئاخىرقى ئانا تىل دەرىسى

    Social Media

    Categories

    • ئاۋازلىق سۆھبەتلەر
    • پائالىيەتلەر
    • خەۋەرلەر
    • دوكلات
    • سىنلىق سۆھبەتلەر
    • ماقالىلەر

    تىللار

    • English
    • ئۇيغۇرچە
    CETNI © 2026
    %d