
بۈگۈن بىر كانادالىق مۇخبىر ماڭا ،مەن شەرقى تۇركىستانغا باردىم، كوچىلار ساقچىلارغا ۋە ئەسكەرلەرگە توشۇپ كەتكەن ،ھەربىي ماشىنىلار ھېلىدىن ھېلىغا چىرقىراپ ئاۋاز چىقىرىپ توختىماي ئادەم تۇتىۋاتقاندەك تەسىر بېرىدىكەن . «تۇتسا ئۇيغۇرلارنى تۇتىدۇ » دەپ ئۆزىچە تاماشا كۆرۈشكەن ھاكىمىيەتنىڭ ياۋۇزلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان خىتايلارمۇ ئاخىرى ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ چىقىرىشىدىن تويۇپ ئاۋاز چىقارماي تۇتسا بولمامدۇ دەيدىغان بوپتۇ .ئەمما مەن بۇنىڭ كۆپىنچىسىنى قەستەن قورقۇنچ پەيدا قىلىشمىكىن دەپ ئويلىدىم.چۈنكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە قورقۇپ كېتىپتۇ دېدى. ئۇ يەنە سىزچە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق كۆرسىتىش جاسارىتى قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟ دەپ
سورىدى .
ئوخشاش سوئالنى 2001-يىلى ئىككى فرانسۇز فىلىم ئىشلىگۈچىنى باشلاپ مەخپىي ھالدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ۋاقتىمدا فىلىم ئىشلىمەكچى بولغان كىشى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق دىگەن ئىدى: «سىزنىڭ مىللىتىڭىز تۈگەپتۇ .ئۇلار ئۆلۈۋاتقان مىللەت ئىكەن ،مەن بۇ يەردە جاسارەت دېگەن نەرسىنىڭ شولىسىنىمۇ كۆرەلمىدىم .چۈشكۈنلۈك ، ھالسىزلىق، بىچارىلىكنى كۆرۈۋاتىمەن ، ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرە نەرسىنى چوڭقۇرراق ئويلاشقىمۇ جۈرئىتى ۋە قۇربىتى يوق ئىكەن » دېگەن ئىدى.
مەن ئۇ چاغدا غەزەپتىن تىترەپ پۈتۈن بەدىنىمدىن بۇلدۇقلاپ قانلىرىم قايناپ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا:« سەن نېمىنى بىلىسەن؟ سەن ھېچنىمىنى بىلمەيسەن؟ سەن مىنىڭ مىللىتىمدىكى روھنى ھەرگىزمۇ بۇ بىر ئايلىق ساياھىتىڭ بىلەن چۈشىنىپ يىتەلمەيسەن. » دەپ ۋارقىراپ كەتكەن ئىدىم .
فىلىم ئىشلىگۈچى چىرايىمغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ جىمجىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما شۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان كوچىلىرىدىكى مىسكىن
چىراي بىچارە خەلقىمنى كۆرگىنىمدە « بەزىدە بىز ھەقىقەتەن بەك ئاجىز خىتاي بەك كۈچلۈك ، بىز مۇشۇنداق يوقاپ كىتەمىزمۇ ؟» دەپمۇ ئويلاپ قالغان ئىدىم.
ئەمما 8 يىلدىن كىيىن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ پارتلىشى ،بۇ مىللەتنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .جاسارەت دېگەن نىمە ؟ ئۇ نەدىن كېلىدۇ؟
ئەگەر بىز ئىنسانلارنى زۇلۇمغا قارشى تۇرغۇچىلار ، بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار ۋە يەم بولۇپ كۈتكۈچىلەر دەپ ئۈچكە بۆلسەك ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار قارشىلىق كۆرسىتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار ۋە يەم بوپ كەتكۈچىلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.
ئەنسىرەيدىغىنىمىز شۇكى، ئەگەر خىتايلارنىڭ بۈگۈنكى زۇلۇمى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بىرچەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار چارىسىزلىق بىلەن يەم بولۇپ كەتكۈچىلەر بۇ زۇلۇمنى خۇددى تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتىدەك چوقۇم ۋە ئۆزگەرمەس نورمال ئەھۋالغا ئايلاندۇرۇپ قوبۇل قىلىۋېلىشى ،ئۆزلىرىنىڭ قۇل خىتاينىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى بىر ھەق دەپ قاراپ قېلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە ئەنە شۇ كۈن جاسارەت يوقالغان كۈندۈر.
قورقۇنچ ،جاسارەتنىڭ دۈشمىنى بولغانلىقىدىن ،ئىنساندىكى قورقۇنچ ھەر زامان جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە مەۋجۇت بولىدۇ .ۋە جاسارەت پەقەت خەتەر ۋە قورقۇنچ تەرىپىدىن ئۆزىنى يوقىتىدۇ. ئۇيغۇرلار زۇلۇمنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان مىللەت، شۇڭا ئۇلا قارشى تۇرۇشنىمۇ ، پۇرسەت كۈتۈشنىمۇ ، قېچىش ۋە مۆكۈشنىمۇ” ئۆگەنگەن بىر مىللەت. پات يېقىندا جاسارەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە تارىخنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەنە قەھرىمان يارىتىش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن .
ئەمما بىر نەرسە بەرھەق ،ئۇ بولسىمۇ زالىملار ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە يوقىلىشىنى ئۆزى ياراتقۇچىلاردۇر”دېدىم ھېلىقى مۇخبىرغا. شۇنداق، زالىملار ئۆز ئۆلۈمىنىڭ ياراتقۇچىلىرىدۇر،چۈنكى قەھرىمانلار ھەر زامان زالىملارغا قارشى تۇغۇلىدۇ، قەھرىمانلىق بولسا بۇ دۇنيادىكى ھاياتتىن ھالقىغان نەرسە بولۇپ قەھرىمانلىق ئالدىدا زالىملارنىڭ دۇنياسى ھەقىقەتەن كىچىك ۋە ئەرزىمەس. زۇلۇم ۋە خەتەرگە بېرىلىدىغان بىردىن بىر جاۋاپ پەقەتلا جاسارەتتىن ئويغانغان قەھرىمانلىقتۇر .مەن ھەركۈنى ئەينەككە قارىغىنىمدا ،تۈرمە، ئۆلۈم ، تۇتقۇنلۇق تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان قاچقۇنلۇق ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرقۇنچقا تولغان كۆزلىرىنى كۆرىمەن .لېكىن بۇ كۆزلەردە قۇرقۇنچقا تەسلىم بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا ئۆزلىرىدىكى قورقۇنچنى يىڭەيدىغان جاسارەت بار.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
