A Uighur vendor pushes his cart of watermelons past Chinese soldiers on patrol in Urumqi in northwest China's Xinjiang province on July 15, 2009. Security remains tight in Urumqi's Muslim Uighur district 10 days after the worst ethnic violence China in decades broke out on July 5 as riot police maintained their presence and kept control of the area's main bazaar, which they have commandeered as a base. AFP PHOTO/Frederic J. BROWN (Photo credit should read FREDERIC J. BROWN/AFP/Getty Images)

كىشىلەر ئادەتتە گۈزەللىكىدىن، باشقىلاردىن سەل زىيادە ئەقلىدىن، بالىلىرىنىڭ بەختىدىن، كەسپتىكى نەتىجىسىدىن ، تاپقان پۇلىدىن، توي قىلغان قىز – يىگىتىدىن ۋە ھەتتا ئۇ يەر بۇ يەرگە قىلغان ساياھەتلىرىدىنمۇ پەخىرلىنىدۇ. ئەمما يىلتىزىدىن، مۇستەقىل دۆلىتىدىن، شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان مىللىتىدىن ۋە بۇ مىللەتنى مىللەت قىلالايدىغان، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ئىنسانىيەتنىڭلا ئەمەس ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جۇلالاندۇرالايدىغان ئالىملىرىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ ئەنە شۇ يىلتىزىغا،ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپرىقىغا ۋە مىللىتىگە مېلىنى، جېنىنى ھەتتا بارلىقىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشى قانچىلىك؟ ئەنە شۇ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كۆركى بولغان سەنئەتكارلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشى قانچىلىك؟
پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىر ئىنساننىڭ ياشاشقا بولغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبلىرىدىن بىرى. پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىغان ئىنسان تۈگەشكەن، يوقىلىۋاتقان ئىنسان. پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولمىغان ياكى پەخىرلەنگۈدەك ھېچنەرسىسى بولمىغان مىللەتمۇ ئۆلگەن مىللەت. ئۇيغۇرلار ئۆلۇۋاتامدۇ؟ تۈگەشتىمۇ؟ تۈگەپ كېتەمدۇ دىگەندەك سوئاللار يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قىرغىن قىلىشىنىڭ ئۇزلۇكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىشكە باشلىدى. ياشاشقا، ئولمەسلىككە، تۇگىمەسلىككە سەۋەبىمىز بارمۇ؟ دىگەن سوئالنى سوراپ باقايلى. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ ئەسلى مېنىڭ دۆلىتىمتى، مەن ھامان بىر كۈنى قايتۇرۇپ ئالىمەن ۋە قايتىپ بارىمەن دەيدىغان ۋەتىنىمىز بار. گەرچە قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئىگە چىققۇدەك بىر پارچە يېرى يوق ۋەتەنسىز مىللەت ئەمەسمىز. بۇرۇنقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ھازىرقى دۇنيادا كۆز ئالدىمىزدىلا ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ياراتقان تۆھپىسى بىلەن بۆگۈنىمىزنىڭ سەھىپىسىگە شەرەپ تامغىسى باسالىغان ئالىملىرىمىز بار. گۈزەللىكى بىلەن دۇنيانى تاڭ قالدۇرالايدىغان مەدىنىيەت سەنئىتىمىز بار. مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئىرادىسىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان، مۇستەملىكە بولۇشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان نۇرغۇن قەھرىمانلىرىمىز، جان تىكەرلىرىمىز بار. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەنە شۇلار بىلەن نامايەندە بولىدۇ. بىز ئەنە شۇلارنىڭ ئىگىسى! ئەمما بۇنىڭدىنمۇ پەخىرلىنىشنى بىلمىسەك، ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلىمىسەك، قوغدىمىساق بۇ مىللەتنىڭ قاتىلى خىتاي ۋە ياكى باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز. 1787- يىلى مۇستەقىل ئامېرىكا دولىتىنى قۇرغۇچى دۆلەت ئاتىللىرىدىن بىرى بولغان بېنجامىن فرانكلىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە قاتنىشىپ قايتىپ چىقىۋاتقاندا بىر ياش ئايال ئۇنىڭدىن: “در. فرانكلىن، قانداق بولدى؟ پادىشالىق تۇزۇمگە ئەرىشتۇقمۇ دېموكراتىك تۇزۇمگىمۇ؟ “ دەپ سورايدۇ. بەنجامىن جاۋاپ بېرىپ: “جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئەگەر سىز تۇتۇشنى بىلسىڭىزلا” دەيدۇ. ھەر بىر ئامېرىكىلىق فرانكېلنىنىڭ بۇ سۆزىنى تا بۈگۈنگىچە قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان ئايەتتەك ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشالىقنىڭ تۈزۈمىنىڭ دەل ئەكسى بولغان، پېرزدېنتنى خەلق سايلاپ چىقىدىغان بىر تۇزۇم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇيغۇر تۈگىشەمدۇ؟ ئۇيغۇر يوقۇلۇپ كېتەمدۇ؟ دىگەن سوئالنىڭ جاۋابى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدە. ھەر بىر ئۇيغۇر بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بۇ سوئالنى سوراشتىن ئاۋال ھەر بىر ئۇيغۇر، بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىۋاتقان، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك، غۇرۇرلىنىشقا تېگىشلىك قىممەتلىك نەرسىلىرىنى قەدىرلەشنى، قوغداشنى بىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ قىممەتلىكلىرىمىزلا بولىدىكەن ئۇيغۇر يوقالمايدۇ.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
