خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يەر شارى خەۋپسىزلىكىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى

cetni-11-19

قىسقىچە بايان:

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە تېخىچە ھەل بولمىغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىلەرنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىز بۇ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك نۇقتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلدۇق.

مەقسىتىمىز خىتاينىڭ غەرەزلىرى ۋە ئادالەتسىز قىلمىشلىرىدىن كېلىپ چىققان يەر شارى خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان ئەمەلىيەتچىل ۋە ئادىل مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەتقىق قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بېسىۋېلىش قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشتا يولغا قويۇلۇشى زۆرۈر بولغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ۋە سىياسەتلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىمىز.

• سىمپوزىيۇم تېمىسى: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە يەر شارى خەۋپسىزلىكىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ناملىق خەلقئارالىق سىمپوزىيۇم

• سىمپوزىيۇم ئۆتكۈزۈلگەن ئورۇن: تورونتو، كانادا

• سىمپوزىيۇم ۋاقتى: 2023- يىلى 18-نويابىر، 19-نويابىر

• سىمپوزىيۇم تەشكىللىگۈچى: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەتى مەركىزى

• ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ قوللىغۇچىلىرى:

• كانادا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيىسى

• خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

• شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

• ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى

• نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار ئىتتىپاقى


ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.

About the Author