CETNI ھەققىدە

شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى

بۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئسمى شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى، قىسقارتىلمىسى CETNI.

شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى تاپاۋەت قازانمايدىغان (پايدا ئالمايدىغان) مۇستەقىل خەلقئارالىق بىر تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، ئاقىللار مەركىزى بۇلۇشقا يۈزلەنگەن بىر ئورگاندۇر . شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى بىر گۇرۇپپا (ۋەتەنپەرۋەر) ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى – مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرىغا ئىدىيە ۋە پىكىر جەھەتتە ياردەمچى بولۇش، كۈچەلەندۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركستانغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي جۇغراپىيىۋى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر، يېڭى تەرەققىياتلار ۋە خەلقىمىز دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب تېپىشقا ياردەمچى بولۇش. تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ كۈندىلىك دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەرنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا شەرقىي تۈركستاننىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسى جۇغراپىيلىك مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن باشقا ( ئالتىرناتىۋ) بىر سىياسىي نۇقتىدىن قاراش بىلەن تەمىنلەش.

نىشانىمىز؛
مۇھاجىرەتتە مەشرۇلىققا ئىگە لاياقەتلىك خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئاساس سېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن پىلان تۈزەش.

غايىمىز؛
شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق خىرىسلارغا ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن سىياسىي تەجرىبىلەرنى سېلىشتۇرۇش، تەشەببۇس قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشنى ئاساس ( مەسلىھەت ) بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەرقىي تۈركسىتان ئۇلۇسى( خەلقى) نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركستاننىڭ سىياسىي ۋە گېئوستراتېگىيىلىك ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەتقىقات دوكلاتلىرى يېزىش ۋە ئېلان قىلىش.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەتچىلىكى توغرۇلۇق تەتقىقاتلارغا ئىشتىراك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركسىتان دۆلەتچىلىك ھەرىكىتى توغرىسىدا مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ توغرۇلۇق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تونۇشىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللاش ۋە تەشەببۇس قىلىشقا قىزىقىدىغان باشقا( سىرتقى) ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش.