قىسقىچە مەزمۇنى:
پروفېسسور ماگنۈس فىسكىھۇ ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلارنىڭ ئالدىن پىلانلانغان سىستېمىلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپتە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى، كېيىنچە ئۇلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ پەردازلىغانلىقىى ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ھەم خەلقئاراغا قاراتقان قوش تەرەپلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق پاش قىلىنغانلىقىنى تەپىسلىي بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.
پروفېسسور ماگنۈس فىسكىھۇ ئەپەندى لىكسىيدە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنى ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا سېلىشتۇرۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن داڭلىق شەخسلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە بىلدۈرۈش ھەمدە خىتاي ھاكىمىيەتنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى داۋاملىق پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى پاكىتلار بىلەن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ لازىملىقىنى كۈچلۈك تەكىتلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
