
قۇرغۇچى ۋە ئىجرائىيە مۇدىرى
رۇقىيە تۇردۇش خانىم
رۇقىيە تۇردۇش خانىم شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىدۇر. ئۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئاكادېمىيىلىك تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، دىپلوماتىيە ۋە خىتاي تارىخى ساھەلىرىدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئالغان. ئۇ كاتالونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيە بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى، ۋىندسور ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى، شۇنداقلا شاڭخەيدىكى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارىخ كەسپى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇنىڭ ئاكادېمىيىلىك تەربىيىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سىياسىي جۇغراپىيە بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
ھازىر رۇقىيە تۇردۇش خانىم شەرقىي تۈركىستان ئۇلسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ ئىجرايى دىرېكتورى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، مەركەزنىڭ ستراتېگىيەلىك نىشانلىرى ۋە ئاساسىي پائالىيەتلىرىنى ئالغا سۈرۈش يولىدا يېتەكچىلىك قىلماقتا. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركەزنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىنى تەييارلاش، ئىنگلىزچە تور بېكىتى ئۈچۈن ماقالىلەر يېزىش، شۇنداقلا سىياسىي-تەھلىلىي مەزمۇندىكى پودكاست پروگراممىلارنى چىقىرىش خىزمەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.
ئۇ 2015-يىلى «كۆك پاسپورت ئارزۇسى» ناملىق كىتابى 2019- يىلى « ئېتنىك، ئۇلۇس ، كىملىك ۋە ئۇلۇسچىلىق» سەرلەۋھىلىك كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان. 2022 يىلى نويابىردا « شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى: مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن سىرتقى دەۋر» ناملىق ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابى ئامېرىكىدىكى Lexington books نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي مۇستەملىكەچىلىكى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇدىرىيەت رەئىسى
نىجات تۇرغۇن
نىجات تۇرغۇن ئەپەندى شىۋېتسىيدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر بولۇپ 2007-يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىگە قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت، سىياسەت بىلىملىرى ۋە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەلىرىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە شىۋېتسىيە مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەربىي تارىخنى ئوقۇغان.
نىجات تۇرغۇن ئەپەندىم ئىككى قېتىم شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە 2018-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا سىياسىي تەھلىل خىزمەتلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئارا كوردىناتورلۇق خىزمىتىدە بولغان. 2022 – يىلىدىن 2024 -يىلغىچە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ياۋروپا مەسئۇلى بۇلۇپ خىزمەت قىلغان.
نىجات تۇرغۇن ئەپەندى شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ پىلانلاش خىزمەتلىرى ۋە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە مەسئۇل. ئۇ دائىم گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەر ۋە خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي تەھلىللەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

كوردىناتور ۋە ئوبزورچى
ئابدۇغېنى سابىت
ئابدۇغېنى سابىت گوللاندىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر بولۇپ، 2007-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان كۆرۈشىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ ئىلگىرى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن، شۇنداقلا «Talk East Turkestan» (شەرقىي تۈركىستان سۆزلىشىش سۇپىسى) نىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.
ئۇ ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى (CETNI) نىڭ ئىچكى ئىشلار كوردىناتورى ۋە ئىسلام دۇنياسى مەسئۇلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەنپەئەت مەركىزىنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، رايون ۋەزىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە ئايلىق ئانالىز ۋە ئوبزورلارنى يازىدۇ.

مېدىيا باشقۇرۇش خادىمى ۋە تەتقىقاتچى
ياسىنجان رۇسۇل
ياسىنجان رۇسۇل ئەپەندى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بوغالتىرلىق ساھەسىدە كۆپ تەرەپلىمە ئوقۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ مېدىيا باشقۇرۇش خادىمى ۋە يېتىلىۋاتقان تەتقىقاتچىسى.
ئۇ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بوغالتىرلىق كەسپى بۇيىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانغا ئىگە بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە ۋە بانكا ساھەسىدە مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە. ياسىنجان رۇسۇل ئەپەندىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى ئۇنى تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئالاقە، تېخنىكا ۋە تەشكىلىي ئىشلاردا مەسىلىلەرنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىش ، تېخنىكىلىق مەشغۇلات قىلىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلغان.
ئۇنىڭ خىزمىتى مىدىيا پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش، رەقەملىك سۇپىلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇرەككەپ ئىدىيىلەرنى ئېنىق، تەسىرى كۈچكە ئىگە مەزمۇنغا ئايلاندۇرۇشقا مەركەزلەشكەن بۇلۇپ تەتقىقات، تېخنىكا ۋە ئۇچۇر- ئالاقىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىدىن ياخىشى پايدىلانغان ھالدا ئىلمى ئاممىۋى مۇنازىرە ۋە دەلىل – ئىسپاتلىق سىياسى دىئالوگلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركسىتان كۈرىشىگە تۆھپە قوشۇشتۇر.

پودكاست رىياسەتچىسى ۋە ئوبزورچى
تامچە خانىم
شائىرە تامچە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنىڭ پودكاست رىياسەتچىسى ۋە ئوبزورچىسى. ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ئانالىز ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
