مەسلىھەتچىلىرىمىز

چارلىز بېرتون ئەپەندى

دوكتور چارلىس بۇرتون كانادالىق مەشھۇر سىنولوگ، يازغۇچى ۋە خىتاي–كانادا مۇناسىۋەتلىرى تەھلىلچىسىدۇر. ئۇ ھازىر دىمۇكراتىيىلىك جەمئىيەتلەردىكى خىتاينىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن تەتقىقات سۇپىسى بولغان Sinopsis تا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى (Senior Fellow) بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. ئۇ شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەھسىل قىلغان. ئۇ بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسىدا ئىككى قېتىم دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالاقە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (Communications Security Establishment) ۋە بروك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى بولۇپ ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە خىتاي تاشقى سىياسىتى ھەققىدە كەڭ كۆلەمدە ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان.

ئۇ «قوندۇز ۋە ئەجدىھا» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولۇپ، بۇ ئەسەردە كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ۋە تېخىمۇ كەڭ گېئوپولىتېكىلىق مۇھىتنى تەنقىدىي نۇقتىدىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ يېزىپ چىققان.

دوكتور ئەسسام ئابدىلشافى

تۈركىيەدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى. ئۇنىڭ ئاكادېمىك سەپىرى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلانغان بولۇپ، ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان سىياسىتىنى دىننىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دوكتور ئابدىلشافى 2015-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ تۈركىيە ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، 2014-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ مىسىر سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئۇ ئەل-جەزىرە تەتقىقات مەركىزىدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى ۋە قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات دىپلوماتىك مەركىزىدە تەتقىقات مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.