ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر قارشىلىقى: ئۆزگىچىلىك، نۆۋەتتىكى كۈرەشلەر ۋە كەلگۈسى
ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى: ئۆزگىچىلىك، ھازىرقى كۈرەشلەر ۋە كەلگۈسى
خىتاي 1949.يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كىيىن سىستېمىلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەپ مۇستەملىكە قىلىش سىياسىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركستاننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.
شەرقى تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئېشىشى، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كىيىن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋام قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەۋجۇت بولغان ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى ،ئەمما مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى پەقەت ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرى خىزمەتلىرى بىلەن چەكلەنگەن گۇرۇپپىلار ۋە تەشكىلاتلار دىئاسپورادا ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدى. 2023.يىلى 7-ئۆكتەبىردە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە قىلغان ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭدىن كيىنكى ئىسرائىلىينىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ خىتاينىڭ داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە بولغان دىققەت -ئېتىبارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
خىتاي بۈگۈنمۇ شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا خىتاي ھۈكۈمىتى يەنە ئۆز نازارىتى ئاستىدا ،چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ،چەكلىك ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركستانغا بېرىپ ،تۇغقانلىرىنى كۆرۈشىگە يول قويىدىغان يۇمشاق سىياسەتنىمۇ يولغا قويۇپ بۇ تاكتىكا ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ يوقلۇقى ياكى ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۇمشاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا ،شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغىنى ۋەياكى توختىتىپ قويغىنى يوق .خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سىياسىتى ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ھەمدە ئورتاق روھى جاراھەتكە دۇچار بولغان ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان نەرسىلەردىن مەھرۇم قالغان شارائىتتا مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولدى .ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە زور قىيىنچىلىقلارغا ۋە تەشكىلى مىخانىزىمنىڭ ئاجىز بولىشىدەك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ….
دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
