ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس( يەرلىك ) خەلقلەر » دەپ تۈرگە ئايرىش مەسىلىسى
ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس( يەرلىك ) خەلقلەر » دەپ تۈرگە ئايرىش مەسىلىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: تۇمارس ئالماس
1 – بۆلۈم
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 2007- يىلى 13- سېنتەبىر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنىس (يەرلىك) خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ماقۇللىدى. خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 143 دۆلەت بۇ خىتاپنامىنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئاۋاز قوشتى، ۋە خىتاي بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويۇپ ئىندىجىنىس خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بۇ خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ بىر يىلدىن كىيىنلا، يەنى 2008- يىلى دېكابىردا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئۇيغۇرلارنى «ئىندىجىنىس خەلقلەر» كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ ئېنىقلىما بېرىپ دوكلات ئېلان قىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ب د ت نىڭ «ئىندىجىنىس خەلقلەر» ھوقوقى خىتاپنامىسىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرۇلۇق بېسىم بەرمەكچى بولدى.
بۇ دوكلاتتىن كىيىن، يەنى 2010- يىلى «خەلقئارالىق ئىندىجىنىس مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلارنى «ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئىندىجىنىس خەلقلەر» كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزدى. شۇندىن كىيىن بىر قىسىم (خەلقئارالىق)قىسىم ئاكادېمىك ۋە ژورنالىستلار «ئىندىجىنىس خەلقلەر» ئاتالغۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېنىقلىما بېرىشكە باشلىدى. ھەتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەبلەغ سالغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى» ئۆزىنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا كۆپ قېتىم «ئىندىجىنىس خەلقلەر» ئاتالغۇسىنى قوللاندى.
ھالبۇكى، «ئىندىجىنىس خەلقلەر» بىلەن «زېمىنغا ياكى دۆلەتكە يەرلىك» دېگەن ئاتالغۇ سىياسى ۋە قانۇنى نۇقتىدىن ئوخشىمايتتى. ئالدىنقىسى يەنى «ئىندىجىنىس(يەرلىك) خەلقلەر» دېگىنىمىز، ئۆزىنىڭ زېمىنغا يەرلىك بولغان، يەنى بۇ يەردىكى ئىندىجىنىس خەلقلەر ب د ت ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىدە مەلۇم ھوقۇقلار بېرىلگەن ئالاھىدە خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى يەنى «زېمىنغا ۋە دۆلىتىگە يەرلىك» دېگەنلىك بولسا ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە زېمىنىغا يەرلىك بولغان بارلىق خەلقنى كۆرسىتىدۇ.
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىندىجىنىس (يەرلىك) خەلقلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى»دا «ئىندىجىنىس خەلقلەر» لەرنىڭ مەلۇم ھوقۇقلىرى ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا قالغان دۆلەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ يەنى «ئىندىجىنىس خەلق» ۋە «زېمىنغا، دۆلىتىگە يەرلىك» دىگەن بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇسال(مىللىي) كىملىكى ھەققىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ ۋە قانۇنسىز ئىشغال قىلىنغان دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ۋە باشقىلارغا مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىشتا نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى مۇشەققەت بولغان بىر غايە دەپ قارايدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە مۇستەملىكىسى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ باشقا ھەل قىلىش چارىسى، ۋە بۇ يوقۇتۇلۇشنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۇلۇسال مەۋجۇتلۇقى ۋە زېمىنىغا بولغان يەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن باشقا تاللىشى يوقتۇر.ھەمدە ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان «ئاخىرقى چارىسى» ۋە بىردىنبىر چارىسى مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىگە قەتئىيىي ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا توسالغۇ بولىدىغان «ئىندىجىنىس خەلق» كاتىگورىيەسىگە كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
دوكلاتنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
