Skip to content
cetni-home-logo-320

شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى

  • English
  • ئۇيغۇرچە
  • Primary Menu
    • باش بەت
    • CETNI ھەققىدە
      • مەسلىھەتچىلىرىمىز
      • ھەيئەتلىرىمىز
      • ھەمكارلاشقۇچىلار
      • ئالاقىلىشىڭ
    • خەۋەرلەر
      • پائالىيەتلەر
    • ماقالىلەر
    • ئاۋازلىق سۆھبەتلەر
    • سىنلىق سۆھبەتلەر
    • دوكلاتلار
    • ھەقىقەت ۋە ئويدۇرما
    • ئىئانە
    • Home
    • خەۋەرلەر
    • ئافغانىستان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كابۇلدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى
    • خەۋەرلەر

    ئافغانىستان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كابۇلدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى

    CETNI 3 ھەپتە ago (Last updated: 3 ھەپتە ago) 0 comments
    kabukchina

    ئابغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلىۋى ئامىرخان مۇتتەقى ئۆزىنىڭ مەنسەپدىشى ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بىلەن كابۇلدا ئۇچرىشىپ ، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى.

    ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ،مۇتتەقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئافغانىستاننىڭ بىر مۇھىم سودا شېرىكى ئىكەنلىكى ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىنىڭ بىر مىليارد دوللار ئەتراپىغا چىققانلىقى ۋە ئۇ بۇ ساننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مۇتتەقى يەنە ئافغانىستان تۇپراقلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى قەتئىي ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ قاتناش، بانكىلار ئارا مۇناسىۋەت ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەمىلى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىسيونلار ئارقىلىق يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

    خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى بولسا ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئافغانىستاننىڭ خىتايغا بولغان ئېكىسپورتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۈچ چىقىىرىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇ يەنە قۇشۇمچە قىلىپ ، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لاھىيەسىگە ئافغانىستان نىڭ رەسمى قوشۇلۇشىنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىنېرال بايلىقلارنى چارلاش ۋە قېدىرىش ئىشلىرىدا ھەمكارلىق قىلىشنى تەكىتلىدى.

    ۋاڭيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي ئەمىلى كان مەشغۇلات ئىشلىرىنى مۇشۇ يىل ئىچىدە باشلايدۇ ھەمدە ئافغانىستانغا بېرىلىدىغان سىياسى ۋە ئىقتىسادى ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ يەنە، ئافغانىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ،تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

    ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.

    About the Author

    CETNI

    Administrator

    Visit Website View All Posts

    Like this:

    Like Loading...

    Post navigation

    Previous: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ تور بېتى رەتلىنىۋاتىدۇ
    Next: ئامېرىكا يېڭى ئۇلۇسال مۇداپىئە ئستراتىگىيسنى ئېلان قىلدى

    Related Stories

    ruqiyekitab
    1 minute read
    • خەۋەرلەر

    شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى: مۇستەملىكىسىزلىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان دەۋىر

    CETNI 2 ھەپتە ago 0
    mudapiye
    1 minute read
    • خەۋەرلەر

    ئامېرىكا يېڭى ئۇلۇسال مۇداپىئە ئستراتىگىيسنى ئېلان قىلدى

    CETNI 3 ھەپتە ago 0
    website
    • خەۋەرلەر

    شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ تور بېتى رەتلىنىۋاتىدۇ

    CETNI 3 ھەپتە ago 0
    • بۈگۈنكى ھالىمىز : نەدىن نەگىچە ۋە نېمە قىلىمىز
    • قانۇن ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چۈشىنىش
    • خىتاينىڭ يەر شارى پىلانى : ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى نېئو-فاشىستىك ھۆكۈمرانلىقىغا قاراپ تاشلانغان ئېنىق بىر قەدەم
    • خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى
    • خىتاينىڭ يەر شارى خەۋپسىزلىكىگە بولغان تەھدىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىستىراتېگىيىلىك تەدبىرلەر

    Social Media

    Categories

    • ئاۋازلىق سۆھبەتلەر
    • پائالىيەتلەر
    • خەۋەرلەر
    • دوكلاتلار
    • سىنلىق سۆھبەتلەر
    • ماقالىلەر

    تىللار

    • English
    • ئۇيغۇرچە
    CETNI © 2026
    %d