
شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى: مۇستەملىكىسىزلىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان دەۋىر ناملىق بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇتەخەسسىس رۇقىيە تۇردۇش خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان.
خىتاينىڭ “بەش پرىنسىپ” دەپ ئاتالغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن پۈركەلگەن خەلقئارادا كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان پرىنسىپلىرى، بولۇپمۇ “ھەر دۆلەتنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش”، “تىنچلىق بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇش” ۋە “بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق” پرىنسىپلىرىغا ، خىتاينىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى قۇرۇشقا ئاساس قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. خىتاينىڭ بۇ دىپلوماتسىيسى نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ گلوبال جەنۇبتىكى ( جەنۇبى يېرىم شارىدىكى) دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
بۇ خىل پىرىنسىپلارنىڭ دىپلوماتىيىدىكى ئىشەنچىلىكلىگىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب،د،ت) بىخەتەرلىك كېڭىيىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن كىيىن، مەتبۇئاتقا قارىتا پەلەستىن–ئىسرائىل مەسىلىسى بويىچە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ، قاتتىق تون بىلەن مۇقەررەر قىلىپ مۇنداق دېدى: “مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مىللى ھوقۇقىدۇر. پەلەستىن خەلقى ئۇزۇن تارىخىي ئادالەتسىزلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر شەرت-شارائىتتا تۇرىۋاتىدۇ، ھېچكىم ۋاقىتنى كەينىگە تارتىپ كېچىكتۈرۈشكە باھانە تاپالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق ھەرىكەتسىزلىككە ھەقىقىي سەۋەپ يوق. پەلەستىن خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە تەئەللۇق مەسىلىلەردە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ۋېتو ( چەكلەش) ھوقۇقى بولمايدۇ.”
بىراق بۇ سۆزلەر مۇھىم بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئەگەر ۋاڭيىنىڭ بۇ باياناتى ھەقىقەتەن سەمىمىي بولۇپ، خىتاي راستىنلا(ھەقىقەتەن) ئادالەتكە قىزىقىدىغان، باشقىلارنىڭ مىللى ھوقۇقلىرى ۋە ئادالەتسىزلىكلەرگە ئېتىبار بېرىدىغان بىر دۆلەت بولسا، ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن خىتاي بۇ پرىنسىپلارنى ئاۋال ئۆزىگە ئىشلەتمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە بۇ قىممەت قاراشلارنى ئىشقا ئاشۇرمايدۇ؟
شەرقى تۈركىستان ھازىر خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خىتاينىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئاستىدا زۇلۇم كۆرمەكتە. ئەمما، خىتاي شەرقىي تۇركىستاندىكى جىنايى سىياسەتلىرىگە قارشى ھەر قانداق تەنقىدنى قەتئىي قوبۇل قىلماغلىق، ئۇنى “ئىچكى ئىشىمىز” دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ب،د،ت نىڭ بەش دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان بىخەتەرلىك كېڭىشىشكە ئېلىپ كىرىلسە، خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ۋېتو(چەكلەش) ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن خەلقارا ئادالەت سوتىغا بېرىلىشىنى توسۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق كونۋەنسىيونىنى ئوچۇق ئاشكارا بۇزۇشى ئېنىق. شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاينىڭ ئادالەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەرنى قىلىشى قانچىلىك كۈلكىلىك ۋە قانچىلىك بىر-بىرىگە زىت ئىكەنلىكى ئاشكارا.
ئېنىقكى، خىتاينىڭ “بەش پرىنسىپ” نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى “ئۆز ئارا تەرەققىيات” ۋە “چوڭ ئىقتىسادىي پايدا” دەپ ئاتالغان پروپاگاندالىق پەردە ئاستىغا يوشۇرۇلغان.
“شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى: مۇستەملىكىسىزلىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان دەۋىر” ناملىق بۇ كىتاب، خىتاينىڭ خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان پرىنسىپلار ئاستىغا يوشۇرۇنغان نىيىتىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بۇرۇن مۇستەقىل دۆلەت بولغان شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بۈگۈنگىچە بولغان ئېچىنىشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئاشكارە قىلىدۇ. كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ چىقىشى ئۈچۈن ھەقسىز سۇنۇلغان كىتابنىڭ تۆۋەندىكى بۇ بابىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارالىق مۇستەملىكىسىزلىشىش ئېقىمىغا ئاساسەن ۋە ياكى خەلقئارادىكى مۇستەملىكىسىزلىشىش ئېقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان جەريان ياكى شارائىتتا قانداق قىلىپ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى تاشقىي جەھەتتىن بەلگىلەپ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ مەشرۇ ۋە قانۇنلۇق ئىكەنلىكى خەلقارا قانۇنلارغا ئاساسەن تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئانالىزدا، ستالىننىڭ ياردىمى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قوراللىق كۈچ بىلەن ئىشغال قىلىشى ۋە بۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان تىنچلىق بىلەن قېتىۋېلىش ئەمەسلىكى، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارالىق قانۇنىي پرىنسىپلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولۇش قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ ياكى ئىگىدارچىلىقىنىڭ ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر مەشرۇھىيىتىنىڭ يوقلۇقى، شۇنداقلا تارىختىن بېرى نىمە ئۈچۈن ھازىر دۇنياغا ئۆزلىرى تەشۋىق قىلىۋاتقان “ تىنچلىق بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇش “ پرىنسىپىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى ، خەلقارا قانۇن بەلگىلىمىلەر ۋە تارىخى ئىسپاتلار بىلەن ئانالىز قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك، كىتاب ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە چوڭقۇر توختىلىپ، “بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق” دىگەن پرىنسىپىنىڭ پەقەتلا بۇ جىنايەتنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن “تۆمۈر تام” قۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئارىلىشىش مەجبۇرىيىتىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىش، ھەرقانداق كۈچكە ھەرقانداق تاجاۋۇزنى قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىش ۋە دۇنيانى زوراۋانلىق بىلەن تولغان لاي پاتقاققا ئايلاندۇرۇشقىمۇ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ كىتاب، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۇركىستاننىڭ خەلقىنى يوقىتىپ، زۇلۇمغا قارشى چىقىدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ، ئۆزىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن كېڭىيىش دەرۋازىسىنى پۇختىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئاساسەن دېڭىزغا مەركەزلەشتۈرىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇرۇقلۇقىدىن دۇنياغا كېڭىيىشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرىقى قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىتراتىگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقاتسڭىز بولىدۇ. بىزنى قوللىغانلىقىڭىز خەلىقىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىزدۇر، رەھمەت.
